باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «2016-يىللىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»نى ئېلان قىلدى

2016.05.25 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «2016-يىللىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «مۇھىم نۇقتا»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتى خىزمىتىدە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى كۈچلۈك تەدبىر بىلەن تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى زور كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بازار ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش بىلەن زىچ باغلاپ، ئىقتىساد بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «مۇھىم نۇقتا»دا ئۈچ جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتا چىڭ تۇرۇش، مەمۇرىي تەستىق ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي سالاھىيەت ئىسلاھاتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ھەق ئېلىشنى رەتكە سېلىش ئىسلاھاتىنى پائال قانات يايدۇرۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ئارقىلىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىككىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئادىل بولۇش، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېھتىيات بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئىزدىنىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، «ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش» مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى ئۈنۈمىنى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە خەلقئارالاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، قولايلىق تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تىزلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر