باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ياڭ جېنچاۋ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، تەشكىل يەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى

2016.05.25 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ياڭ جېنچاۋ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن.

  ياڭ جېنچاۋنىڭ تەرجىمىھالى:

  ياڭ جېنچاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇينىڭ جىنجەي دېگەن يېرىدىن، 1977-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە، ئالىي ئېنژىنىر، ئالىي مەخسۇس ئىقتىسادچى. ھازىر ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

  2013-يىلى 1-ئايدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، خۇەينەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2013-يىلى 2-ئايدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  ج ك پ 17-، 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ج ك پ 8-، 9-نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى. (ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمېتى تور بېكىتىدىن ئېلىندى).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر