باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنى ئېچىلدى

2016.05.25 14:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنى 24 - ماي چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 45 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى ماقۇللاندى، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى جەمئىي 16 تۈرلۈك بولدى.

  چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مو جېنجياڭ بەرگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ <تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (لايىھە)»نى ئۆزگەرتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چىن ۋېي بەرگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى (لايىھە)»سى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىشنى باشلاش ۋاقتىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)» توغرىسىدىكى ئىزاھاتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر - كادىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋېي گاڭ بەرگەن قومۇل شەھەرلىك، قۇرۇمقاش شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى، قەشقەر شەھەرلىك، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى، ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەر تەۋەلىكىدىكى رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىگە ئائىت ئىزاھاتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇ گوپىڭ بەرگەن ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇسالام ئۆمەر بەرگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ روھىي ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنئام نەسىردىن بەرگەن «خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قانۇنى» بىلەن «ئاپتونوم رايوننىڭ <خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ شياۋنىڭ بەرگەن كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئىشلارغا ئائىت ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇنلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئۇبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبرايىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى خىزمەت تارماقلىرى، ھەر قايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى تاۋۋېي «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى چىقىرىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ «ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (لايىھە)» سىنى قاراپ چىقتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر