باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون نەچچە ئۆلكە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش لايىھەسى ئېلان قىلدى

ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلىمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى

2016.05.25 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش تەدرىجىي ئەمەلىيلەشمەكتە. ھازىرغىچە، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، شىنجاڭ، سەنشى، جياڭشى، شەنشى، تيەنجىن، خۇبېي، خېنەن، شەندۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە ئۆز جايىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. كۆپلىگەن جايلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ 13-ئاپرېل ئېچىلغان دائىمىي يىغىنىدا، 2016-يىلى 1-مايدىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدىغان ئىككى تۈرلۈك تەدبىر بېكىتىلدى، بىرىنچى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەق تۆلەش نىسبىتى ٪20تىن ئېشىپ كەتكەن ئۆلكىلەرنىڭ ھەق تۆلەش نىسبىتى ٪20كە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ ئىش ئورنى ٪20 تۆلەيدىغان ۋە 2015-يىل ئاخىرىدىكى فوند جۇغلانما قالدۇقى بىلەن توققۇز ئاينىڭ پۇلىنى تۆلىگىلى بولىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ پۇل تۆلەش نىسبىتى باسقۇچقا بۆلۈپ ٪19كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئىككىنچى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئومۇمىي ھەق نىسبىتى ھازىرقى ٪2تىن باسقۇچقا بۆلۈپ، ٪1تىن ٪1.5 كىچە تۆۋەنلىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شەخسنىڭ ھەق نىسبىتى ٪0.5تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى تۈرلۈك تەدبىرنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ئۆزى بېكىتىدۇ.

  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى جەھەتتە، شاڭخەي شەھىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەق تۆلەش نىسبىتىنى بىر پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلىتىش، يەنى ٪21تىن ٪20كە تۆۋەنلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ چۇڭچىڭ، شىنجاڭ، سەنشى، تيەنجىن، خۇبېي، خېنەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلار كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەق تۆلەش نىسبىتىنى ٪20تىن ٪19كە تۆۋەنلەتتى.

  ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى جەھەتتە، خۇبېي، شەنشى، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سەنشى، جياڭشى قاتارلىق جايلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەق نىسبىتىنى ٪1كە تۆۋەنلەتتى؛ خېنەن ئۆلكىسى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ٪2تىن ٪1.5كە تۆۋەنلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى شەخسنىڭ ھەق نىسبىتى جەھەتتە، خۇبېي بىلەن خېنەن شەخسنىڭ ھەق نىسبىتىنى ٪0.3كە، گۇاڭشى، تيەنجىن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلار ٪0.5كە تۆۋەنلەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر