باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو 2030-يىلىغىچە بولغان سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپىدىكى سەھىيەگە ئائىت نىشانلارنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

2016.05.24 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن 23-ماي 69-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا، رايون ۋە دۆلەت قاتلىمىدا 2030-يىلغىچە بولغان سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپىدىكى سەھىيەگە ئائىت نىشانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پائال قوللايدۇ ھەم جۇڭگو بارلىق كۈچى بىلەن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ، دېدى.

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى «دۇنيانى ئۆزگەرتەيلى: 2030-يىللىق سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپى» دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلدى. لى بىن شۇ كۈنى ئادەتتىكى مۇنازىرىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى «يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھىرلىك» تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تەك زور قارارنى چىقاردى ھەم دۆلەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزدى؛ ئاممىۋى ساغلاملىق باشقۇرۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، كۆپ تارماق قاتناشقان، سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقتى؛ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، باراۋەر، سىجىللىق نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت خەلقىنىڭ باراۋەر بولغان ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىگە ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر