باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئالدى بىلەن يىچۈن شەھىرىگە باردى

2016.05.24 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 23-ماي خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىچۈن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يىچۈن شەھىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىك رايونى بولۇپ، «ۋەتەننىڭ ئورمان ئاستانىسى»، «قىزىل قارىغاي ماكانى» دېگەن چىرايلىق ناملىرى بار. باش شۇجى ئورمانچىلىق رايونىدا سودا خاراكتېرلىك كېسىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك توختىتىلغاندىن كېيىن، كەسىپ تىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ شاڭگەنلىڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمانچىلىق رايونىغا كىرىپ، تەبىئىي ئورمانلارنى ئاسراش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى؛ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە كىرىپ، كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ يىچۈن ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى ۋە دوستلۇق ئورمانچىلىق ئىدارىسى لەنمېي كەسىپلەر باغچىسىغا بېرىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ، ئورمانچىلىق رايونىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بىلەن تەڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر