باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېلىمىز جەنۇبىي ئاسىيا سودا كارىدورى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە

2016.05.24 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى خەلقئارا بىرلەشمە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى توشۇغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مال 23-ماي شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىدا تاموژنىدىن ئۆتتى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇقلۇق، ھاۋا تىرانسپورتىنى بىرلەشتۈرۈپ، تاشيول، تۆمۈر يول تىرانسپورتىنى تەڭ ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن سودا كارىدورى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە.

  86 ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقىغا جېجياڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان كىيىم-كېچەك، ئاياق، شەپكە، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار قاچىلانغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم تاشيول ۋە تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورت ئۇسۇلى ئارقىلىق چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولىدا لاساغا توشۇلدى ھەمدە جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن نېپالنىڭ كاتماندوغا توشۇلدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تۇنجى خەلقئارا بىرلەشمە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئوڭۇشلۇق قاتناش باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  رېكازى شەھىرىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇشەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈردۇق، ھازىر جاڭمۇ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋاتىمىز، بۇ ئاساسلىقى جەنۇبىي ئاسىيا كارىدورى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن.

  جىلۇڭ چېگرا ئېغىزى رېكازى شەھىرىنىڭ جىلۇڭ بازىرىغا جايلاشقان، تارىختا شىزاڭ بىلەن نېپالنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇقلۇق سودا چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ بىرى ئىدى، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپلىك قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى چېگرا ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جاۋپىڭ تونۇشتۇرۇپ: ئۆتكەن بەش يىلدا جىلۇڭ چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ شىزاڭدىكى چېگرا ئېغىزلىرى قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللىدى، دېدى.

  لى جاۋپىڭ مۇنداق دېدى: جىلۇڭ چېگرا ئېغىزى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئەڭ مۇھىم چېگرا ئېغىزى، 13-بەشيىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ سودا سوممىسىنى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.

  مەركەزنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يولى قىلىپ ئېنىق بېكىتىلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى لوساڭ جياڭسۇن مۇنداق دېدى: 13-بەشيىلدا تاشيول، تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق قاتناش تورى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بۇ يوللارنى ھەقىقىي تۇتاشتۇرىمىز.

  لوساڭ جياڭسۇن مۇنداق دېدى: ھازىر بىز جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن تۇتاشتۇرىمىز، شۇڭا رېكازى تۆمۈر يولىنى نېپال چېگراسىغىچە ياسايمىز، ھەتتا كېيىنكى قەدەمدە نېپالنىڭ پايتەختىگىچە ئاپىرىمىز. ئاۋىياتسىيە جەھەتتە، شىزاڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھىمالايا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى قۇردى، بۇندىن كېيىن ياۋروپالىق يولۇچىلار نېپالغا بارسا، 40 مىنۇت ئەتراپىدا لاساغا كېلەلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر