باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېلېفون ئابونتلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاتمىسا مۇلازىمەت توختىتىلىدۇ

2016.05.25 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 24-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرىدىن 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بارلىق تېلېفون ئابونتلىرىنى ھەقىقىي ئىسمى بويىچە تىزىملاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تولۇقلاپ تىزىملاش رەسمىيىتى ئۆتمىگەن ئابونتلارنىڭ تېلېگراف مۇلازىمىتى توختىتىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قايتا تولۇقلاپ تىزىملاشقا سۈيلەيدۇ. سۈيلەش مەزگىلى توشۇپمۇ تولۇقلاپ تىزىملاش رەسمىيىتى ئۆتمىگەنلەرنىڭ تېلېگراف مۇلازىمىتى قانۇن بويىچە توختىتىلىدۇ.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تورغا كىرىشنى تىزىملاتقان ئابونتلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ، ئابونتلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش، بىر كىنىشكىغا كۆپ كارتا بېجىرگەن ئابونتلارنىڭ يېڭى كارتا بېجىرىشىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى ئابونتلار تورغا كىرىش رەسمىيىتى ئۆتىگەندە چوقۇم 2-ئەۋلاد كىملىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن پەرقلەندۈرۈش، توردا تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئابونتلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش كېرەك، ئاھالىلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى قولدا كىرگۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر