باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە، سۇرىيەنىڭ ئىككى رايونىدا 72 سائەت ئۇرۇش توختىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.05.24 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 23-ماي، 24-مايدىن باشلاپ سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق ئەتراپىدىكى دوڭگوتا بىلەن دالەييا رايونىدا 72 سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇش ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى، تېررورچى تەشكىلات بولغان قوللاش فورۇنتى بىلەن بولغان چەك چېگراسىنى ئايرىشىنى مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە ئارمىيەسى تېررورچى تەشكىلاتلار كونترول قىلىپ تۇرغان رايونلارغا يەنىلا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلماقتا.

  ئۇ مۇنداق دېدى: سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىشى قوللاش فۇرۇنتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: 12-مايدىن بۇيان، رۇسىيە دەمەشقتە 66 قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يۇز بەرگەنلىكىنى كۆزەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر