باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە فىرانسىيەنىڭ خەلقئارا تىنىچلىق يىغىنىنى ئىچىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى

2016.05.24 17:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 23-ماي فىرانسىيەنىڭ ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئىچىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى.

  نىتانىياخۇ شۇ كۈنى زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللىس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  نىتانىياخۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرسىدىكى بىۋاسىتە سۆھبەت تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى، بىراق خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنى ئىچىش تەشەببۇسى پەلەستىن تەرەپنى ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن يىراقلاشتۇرۇۋىتىدۇ.

  ۋاللىس مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ بىۋاسىتە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مەيدانىنى قارشى ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئاساسىدا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىدىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر