باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر قىسىم تور بېكەتلەرنىڭ كۈندىلىك زىيارەت قىلىنىش سانى ئونغا يەتمەيدۇ

__ قىسمەن ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلەرنىڭ «مۇردا تور بېكەت»لىرىنى تەكشۈرۈش

2016.05.24 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭى يېقىندا، بۇ يىل بىرىنچى پەسىللىك مەملىكەت بويىچە 607 ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، لاياقەتسىزلىك نىسبىتى %18.5كە يەتتى. 2015-يىلى دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت تورلىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 421 لاياقەتسىز تور بېكەت ئىچىدىكى %83 تور بېكەت ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەنلەرگە مەركەزلەشكەن. بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى تاللاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھېلىھەم ئوخشاش مەسىلىنى ئەكىس ئەتتۈردى.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، يېڭىلىنىش ۋاقتىدا بولماسلىق، ئۇچۇر توغرا بولماسلىق، ھەمتۈرتكىگە جاۋاب بەرمەسلىك، مۇلازىمىتى قوللىنىشچان بولماسلىق قاتارلىقلار ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ جاھىل كېسىلى ئىكەن، بىر قىسىم تور بىكەتلەرنىڭ چېكىلىش سانى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا قالغان.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىياسىيشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ليۇ شەنيىڭنىڭ قارىشىچە، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە دائىم مەسىلە چىقىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب دەل نازارەتچىلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى ئىكەن. بىر قىسىم جايلارنىڭ تور بېكەت قۇرۇشى يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بولۇپ، بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنىمۇ خالىمايدىكەن، بۇ تىپىك سىياسىي ھورۇنلۇق ۋە بوشاڭلىق. ھۆكۈمەت تور بېكىتى ئاساسلىقى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىدا ئاممىنىڭ باھاسى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر