باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىشتىھالىقلار مۇسابىقىسى» يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن جۇلاسىنى نامايان قىلدى

2016.05.24 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، خالىقجان قۇربان خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاۋات ناھىيەسى 5-نۆۋەتلىك دولان يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بايرىمىنى ئەۋجىگە چىقىرىشنى مەقسەت قىلىپ «ئىشتىھالىقلار مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزدى.

  ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا –بازارلىرىدىن كەلگەن «ئىشتىھالىقلار» ئاۋات دولان دەرياسى مەنزىرە رايۇنىغا جەم بولۇپ، «لەڭمەن يېيىش جېڭى»گە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا تامتوغراق يېزىسىدىن كەلگەن راخمان مۇھەممەت سەككىز مىنۇتتا 14 تەخسە لەڭمەننى يەپ بولۇپ «لەڭمەن يېيىش جېڭى»دە چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

  ئاۋات ناھىيەسىدە ئۇدا بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن دولان يېمەك-ئىچمەك بايرىمىدا ئاۋات ناھىيەسىدىكى داڭلىق يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى، ئاشخانىلار، پىشرۇقخانىلار ۋە داڭلىق ئۇستىلار ئۆزلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ، ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن زامانىۋى يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ يارقىن جۇلاسىنى نامايان قىلغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر