باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى ناھىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

2016.05.24 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى) باي ناھىيەسى 20 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ناھىيە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ جان تومۇرى سۈپىتىدە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، بۇ جەھەتتە خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە زىچ ماسلاشتۇرۇپ، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيەدە زور بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلار بارلىققا كېلىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس ــ ئاساسىي قاتلامدىكى ياخشى دوختۇر شيا جۇڭخۇي جان-دىلى بىلەن كېسەل داۋالاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يېزىپ چىقتى. ناھىيەلىك تەبەسسۇم تاكسى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى دىلشات ھەسەن 2014-2015-يىلى ئۇدا ئىككى يىل «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ھەم پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. خەنزۇ بوۋاقنى بېقىۋالغان رەشىدەم «جۇڭگودىكى ياخشى كىشى» شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇلتۇردىن بۇيان بىر ئورۇن، ئۈچ كىشىگە مەملىكەت، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىچى دەپ نام بېرىلىپ، ئۈچ كوللېكتىپ ۋە 10 شەخس ۋىلايەتنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر