- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبان رەھبىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى
2016.05.23 16:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، تالىباننىڭ ئالىي رەھبىرى مەنسۇرنىڭ 21-ماي پاكىستان تەۋەسىدىكى ئافغانىستانغا يېقىن يەردە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا قاتارلىق نۇرغۇن سىياسىيونلار بۇ خەۋەرنى ئىسپاتلىدى. لېكىن پاكىستان، ئامېرىكا ۋە تالىبان دائىرىلىرى مەنسۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى. بېرمىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي تۈنۈگۈن تاراتقۇلارغا: ئامېرىكا ئارمىيەسى 21-ماي تالىباننىڭ رەھبىرى مەنسۇرغا ھاۋادىن نىشانلاپ زەربە بەردى دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر