باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىدە 43 نومۇر ئورۇندىلىدۇ

2016.05.24 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ماي 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىنى تەشكىللەش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى 16-ئاۋغۇستتىن 14-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزنىڭ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى سىياسىي خىزمەت مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە خىزمىتى ئىشخانىسى ۋە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئالاقە خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ 35 ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىدە 43 نومۇرنى ئورۇندايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كۆرەكنىڭ ئويۇن بېلىتى پاراۋانلىق تۆۋەن باھالىق بېلەت شەكلىدە 28-مايدىن باشلاپ سېتىلىدۇ. كۆرەك ھۆكۈمەت تور بېكىتى ۋە ھۆكۈمەت ئۈندىدارىمۇ 24-مايدىن باشلاپ رەسمىي ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك ئاز سانلىك مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ بىرى بولۇپ، بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر