باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى يەرلىكنىڭ مالىيە خەزىنىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ

ئايدا تەكشۈرۈپ باھالايدۇ

2016.05.24 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 23-ماي مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ يەرلىكنىڭ مالىيە خەزىنىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، داۋاملىق ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خامچوت ئىجراسى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خەزىنە كۆلىمىنى كېمەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا يەرلىكنىڭ مالىيە خەزىنە ئەھۋالىنى ئايدا تەكشۈرۈپ باھالاش، يەرلىكنىڭ مالىيە خەزىنىسى بويىچە پاراڭلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق يەرلىكنىڭ مالىيە خەزىنىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2016-يىللىق خەزىنە باشقۇرۇش خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى چوقۇم ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىدا 1-پەسىلدە مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىش ئامىللىرى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاساس يەنىلا بوش، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر، چوقۇم ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، خامچوت ئىجراسى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خەزىنە كۆلىمىنى كېمەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر