باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرىدە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بۇلۇش» ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى

2016.05.24 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى) مەركەز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، شەھەرلىك پارتكومنىڭ «پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بۇلۇش ئۆگىنىش پىلانى»نىڭ تەلىپى بۇيىچە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بارلىق پارتيە ئەزالىرىغا «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بۇلۇش» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرى ھەرقايسى يېزا-بازار، كوچا ئىش باشقارمىلىرى، كەنت، مەھەللە بۇيىچە قاتلاممۇ قاتلام «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بۇلۇش» ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  يېقىندا، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ خوڭجۈننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بۇلۇش» مەخسۇس ئۆگىنىش ئويۇشتۇرۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى رەھبەرلىك بەنزىسى، ھەر قايسى «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىلىرى، يېزا-بازار، كوچا ئىش باشقارمىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بۇلۇپ 150 تىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان «پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش روھى ئۇرغۇتۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر