باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«سېرىق مەرەزلەرگە» چېتىلىدىغان بۇلۇت دېسكا مەركەزلىك تۈزۈلۈپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

2016.05.24 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 3-ئاينىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن، مەملىكەت بويىچە «سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ۋە ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ بۇلۇت دېسكىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر نۆۋەتتە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە مۇھىم ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بۇلۇت دىسكا «سېرىق مەرەزگە چېتىشلىق» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك توسۇلدى. جايلار تارماقلار بىر تۈركۈم بۇلۇت دېسكىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانى مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، قىسمەن بۇلۇت دىسكا مۇلازىمەت كارخانىلىرى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشىدى.

  جۇڭگو ئىنتېرنېت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شى شيەنشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلۇت دىسكا زاپاس ساقلاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش قېلىپى، ئىنتېرنېت بۇلۇتچوت تېخنىكىسىنىڭ مەھسۇلى، ئىنتايىن ياخشى قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەمما بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇلۇت دېسكىدىن پايدىلىنىپ سېرىق مەرەز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى تارقىتىپ، ئۇنى قانۇنغا خىلاپ پۇل تېپىش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر