خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇساجان تۇردى خەۋىرى) ھەممە يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مانا مۇشۇ پەيتتە، كۇچا ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ، ياقا بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ياقا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە 22- ماي ياقا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ زالىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى» ئۆتكۈزدى.
بۈگۈنكى پائالىيەتتە ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى«كۈسەن ئۇسۇلى»، ئوماق بالىلارنىڭ «قوڭغۇراق ئۇسۇلى» پائالىيەتكە مەنىۋى زوق ئاتا قىلغان بولسا، نەچچە يىلدىن بېرى مۇشۇ مەكتەپلەردىكى 210 ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىغا 350 مىڭدىن ئارتۇق سۈتلۈك توقاچنى ھەقسىز تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ كېلىۋاتقان مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى ئەنۋەرجان تۆمۈر سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا ئوقۇغۇچىلار چۇرقىرىشىپ، قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن مېھىرلىك قەلبىدىن ئوقچۇپ چىققان مىننەتدارلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلىدى.
ئاخىرىدا، ھەرقايسى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇنتۇلماس سېماسىنى قالدۇرۇپ، بىر - بىرىگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى