خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئابدۇخالىق خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپىنىڭ «مايدىكى باھار» تېمىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا ھال سوراش ئويۇنى قويۇش ئەترىتى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىدىن 3-قاراردا «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى تۇرۇشلۇق پوسكام ناھىيەسى سەيلى يېزىسىنىڭ ئۇلۇغئېرىق ۋە خاڭدى كەنتلىرىدە ئىككى مەيدان ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
22-ماي يەكشەنبە كۈنى بولسىمۇ، سەيلى يېزىسىغا قاراشلىق ھەرقايسى كەنتلەردىكى سەنئەتخۇمار دېھقان-چارۋىچىلار ئەتىگەن سائەت 8:00دىن بۇرۇن ئۇلۇغئېرىق كەنتىنىڭ قورۇسىغا يىغىلىپ، قورۇنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئەسلىدە شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپى جەنۇبىي شىنجاڭ ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇلۇغئېرىق ۋە خاڭدى كەنتلىرىدە ھال سوراش ئويۇنى قويىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سەيلى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى يېزا تەۋەسىدىكى باشقا قوشنا كەنتلەرگىمۇ ئۇقتۇرغان بولغاچقا، بۇ يېزىدىكى سەنئەت خۇمار دېھقان-چارۋىچىلار، بولۇپمۇ ھەرقايسى كەنت سەنئەت ئەترىتىدىكى دېھقان ئارتىسلار ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ھەم ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت تالانتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يىغىلغان ئىدى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00 دە قوللىرىغا كىچىكلىتىلگەن دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان دېھقان ئاياللىرى كەنت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىغا رەتلىك تىزىلىپ، ئويۇن قويۇش ئەترىتىنى قارشى ئالدى. چۈشتىن بۇرۇن ئۇلۇغئېرىق كەنتىدە، چۈشتىن كېيىن خاڭدى كەنتىدە ئورۇنلانغان نازىركوم، دولان ئۇسۇلى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ ئۇسۇللار مەيدان كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرسە، خەنزۇچە، تاجىكچە، ئۆزبېكچە ۋە قازاقچە جۇشقۇن ئۇسۇللار تاماشىبىنلار قەلبىنى ئاجايىپ لەرزىگە سالدى. ئاتا-ئانىلار مەدھىيەلەنگەن، ئىناقلىق، ۋاپادارلىق ۋە مۇھەببەت كۈيلەنگەن يالغۇز كىشىلىك، قوش كىشىلىك ناخشىلار تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ، قىزغىن چاۋاك - ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.
پوسكام ناھىيەسىگە ۋاكالىتەن سەيلى يېزىسىنىڭ ئۇلۇغئېرىق ۋە خاڭدى كەنتىلىرىدە پەقەت ئىككى مەيدانلا قويۇلغان بۇ قېتىمقى ھال سوراش ئويۇنى ئاخىرلاشقاندا، سەنئەتكە ھېرىسمەن دېھقان-چارۋىچىلار ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىغا قانمىغان ھالدا ئارتىسلارنى خوتەنگە ئۇزۇتۇپ قويدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى