باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەدە داۋاملىق ئىشلەۋاتقان يېشى 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار 1 مىليونغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېرىمغا يېقىن كىشى خىزمەتتىن ھۇزۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

2016.05.23 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە 65 ياشتىن يۇقىرى 1 مىليون 100 مىڭ كىشى يەنە خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلار ياشلاردىن ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. بىر ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېرىمغا يېقىن تەكشۈرۈلگۈچى داۋاملىق خىزمەت قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا بۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش ئىكەن.

  بۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان خىزمىتى مەمۇرى خىزمەت، يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنچىلىك ۋە كەسپىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ ٪10 تى پۇل تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەيدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا داۋاملىق ئىشلىگىسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

  نۇرغۇن كىشى ياشانغانلارنىڭ داۋاملىق ئالدىراش ھالەتتە يۈرۈشىنى ساقلاپ قىلىشىنى قوللاپ، ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈشتىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بارغانسېرى كۆپ ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىپ، خىزمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقىسى كەڭ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلانماقتا.

  يېقىندىكى يەنە بىر تەتقىقات شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئەنگلىيەدە پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئائىلە كىرىمى تۇنجى قېتىم مائاشلىق ئائىلىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر