باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى ئۆتكۈر ئالىم ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2016.05.23 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى ئۆتكۈر ئالىمنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈلۈشىچە، ئۆتكۈر ئالىم سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ توپلاپ ئۆي سېتىۋېلىپ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان. تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان؛ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئىشچى - خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەردە قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قوبۇل قىلغان. پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغا، پۇل، ئىستېمال كارتىسى قوبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ سودا بىلەن شۇغۇللانغان؛ ئاممىۋى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن يېزىنىڭ كوللېكتىپ يېرىنى سېتىۋېلىپ ۋە ئىجارىگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بازار ئىگىلىكى پائالىيىتىگە ئارىلىشىپ ۋە قول تىقىپ، ئەدلىيە ئىشلىرى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان، بۇرچىنى ئادا قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، زىناخورلۇق قىلغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم باشقىلاردىن زور سوممىلىق مال - مۈلۈك تەلەپ قىلغان ۋە قوبۇل قىلغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ سېلىپ سودا قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، زور مىقداردا ئىنتىزامغا خىلاپ كىرىمگە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكۈر ئالىم تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغان ئىلكىدىكى زور مىقداردىكى پۇل- مالنىڭ قانۇنلۇق كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەزىپىسدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەم باشقىلاردىن مال – مۈلۈك ئېلىش، زور سوممىلىق مال – مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى جىنايەتكە چېتىلىدۇ.

  ئۆتكۈر ئالىم پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇپ، قانۇنغا، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ غايە ۋە ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى ھەم پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا نەپسىنى، قولىنى يىغمىدى، ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى قەبىھ ھەم ئىنتايىن ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا يوللاش ئارقىلىق، ئۆتكۈر ئالىمغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاپ، ئۇنى خىزمەتتىن ھەيدەشنى قارار قىلدى. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىندى. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر