باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر -يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى لى جيەنشىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2016.05.23 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى لى جيەنشىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈلۈشىچە، لى جيەنشىن سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كادىر قوبۇل قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، باشقىلاردىن پۇل-مال قوبۇل قىلغان؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پۇل، سوۋغات قوبۇل قىلغان. خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش ۋە ھۆددىگە ئېلىش، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىشنى تەستىقلاش قاتارلىقلارغا ئارىلىشىۋالغان ۋە قول تىققان؛ ئاممىۋى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، مەبلەغ توپلاپ ئۆي سېلىش، تەقسىم قىلىش جەھەتتە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، زىناخورلۇق قىلغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كارخانا تىجارىتى قاتارلىق ئىشلاردا ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلاردىن زور سوممىلىق مال - مۈلۈك تەلەپ قىلغان ۋە قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلىنىشىچە لى جيەنشىن ئىلكىدىكى زور مىقداردىكى پۇل- مالنىڭ قانۇنلۇق كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەزىپىسدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەم باشقىلاردىن مال – مۈلۈك ئېلىش، زور سوممىلىق مال – مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى جىنايەتكە چېتىلىدۇ.

  لى جيەنشىن پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇپ، قانۇنغا، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ غايە ۋە ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى ھەم پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا نەپسىنى، قولىنى يىغمىدى، ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى قەبىھ ھەم ئىنتايىن ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا يوللاش ئارقىلىق، لى جيەنشىنگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاپ، ئۇنى خىزمەتتىن ھەيدەشنى قارار قىلدى. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىندى. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر