باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئاشكارا تەكلىپ قىلىنىدۇ

2016.05.23 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20-ماي ئېچىلغان 2016-يىلى جەمئىيەتتىن ئوتتۇر-باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 11 مىڭ 853 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 3551 ، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 3647، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 942، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 3635، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى 78 ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈلگەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي پىلاننىڭ % 60 ىنى ئىگىلىگەن؛ يېزا - بازاردىن تۆۋەن مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىش پىلانى ئومۇمىي پىلاننىڭ % 70 ىنى ئىگىلىگەن.

  بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يېزىقچە ئىمتىھان، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، ئومۇمىي ئېلان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي تەكشۈرۈش قاتارلىق 11 ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئىكەن. يېزىقچە ئىمتىھان 6- ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېلىنىپ، 7-ئاينىڭ 8 -كۈنى يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىكەن، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بولىدىكەن. ئومۇمىي خىزمەت 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش نىزامى، ئىش ئورنى جەدۋىلى ۋە ئىمتىھان ئىزاھاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدىن تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2010 – يىلىدىن 2015 – يىلغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 72 مىڭ 600ى تەكلىپ قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى، بولۇپمۇ يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسىنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلىپ، يېزا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر