باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە «كىتابخۇمارلار چىغىر يولى» ئېچىلدى

2016.05.23 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسى «دولان مەدەنىيىتى» روھىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، دولان رەسىملىرى ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ھەر مىللەت خەلقىنى كىتاب ئوقۇپ ناھىيەنى گۈللەندۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش، كىتاپخۇمارلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دولان خەلق مەيداننىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى 150 مېتىرلىق تامغا دولان دېھقانلار رەسىملىرىنى سىزدۇرۇپ، بۇ يولغا «كىتابخۇمارلار چىغىر يولى» دەپ نام بەردى.

  «كىتابخۇمارلار چىغىر يولى» ئاۋات ناھىيەلىك كۇتۇپخانىغا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يولدا دولان قاپاق مەدەنىيىتى جەۋھەرلىرى، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، ئۇلۇغ پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابچىسى، بۈيۈك يازغۇچى لۇشۈن، شۇنداقلا ئاۋات ناھىيەسىكى مەشھۇر شەخسلەردىن چاۋ گۇاڭخۇا، ياخشى دوختۇر زاڭ شۇۋۇ، «يېشىل كېيىملىك پەرىشتە-ئارزۇگۈل ئابدۇراخمان»، خەلقنى زارى قىلغان ئادىل سوتچى ئانارگۈل ئابدۇراخمان، خالىس تەشۋىقاتچى ھوشۇر شادىنىڭ پورتېرتلىرى ۋە ئىخلاس بىلەن كىتاب ئوقۇپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقان، زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش-پائالىيەتلىرى رەڭ-بوياقلار ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، كىشىلەرگە كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر