خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەلىك كۇتۇپخانا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى -تەرەققىيات يىلى» پائالىيىتى بويىچە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سەييارە كىتاب ئوقۇش«كۇتۇپخانا ئاپتوموبىلى» ئاجرىتىپ، «كۇتۇپخانا ئاپتوموبىلى»غا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، قانۇن-تۈزۈم، سىياسەت، ساقلىقنى-ساقلاش، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئەدەبىيات- سەنئەتكە دائىر ئوقۇشلۇق كىتابلار بىلەن ھەر خىل گېزىت-ژۇرناللارنى قاچىلاپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 16يېزا-بازار، 140قا يېقىن كەنت ۋە چەت-يىراق مەھەللىلەردىكى ئائىلىلەردە«كىتاب ئوقۇش قەلبنى ئىللىتىدۇ، بىلىم كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» تېمىسىدا دېھقان-چارۋىچىلارنى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «كىتاب سۆيەر جەمئىيەت» بەرپا قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچەيتىشكە ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»قا بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.
سۈرەتتە: 22-ماي، كۈيباغ يېزىسىنىڭ سايرىق كەنت 1- مەھەللىسىدە دېھقانلار ئىشىك ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى