باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋىيېتنام 14-نۆۋەتلىك پارلامېنت ۋەكىللىرى سايلىمى ئۆتكۈزدى

2016.05.23 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋىيېتنامنىڭ 14-نۆۋەتلىك پارلامېنت ۋەكىللىرى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش تۈنۈگۈن ۋىيېتنامنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلدى، تەخمىنەن 69 مىليون سايلىغۇچى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 91 مىڭ ئاۋاز بېرىش نۇقتىسىدا ئاۋاز بەردى، 870 نامزات ئىچىدىن 500 پارلامېنت ۋەكىلى سايلاپ چىقىلىدۇ. ۋىيېتنام مەركىزى سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 870 نامزات ئىچىدە ۋىيېتنام كومپارتىيەسىدىن 773 نامزات، پارتىيە سىرتىدىن97 نامزات، ئاز سانلىق مىللەت نامزاتىدىن 204 ئادەم بار ئىكەن. 13-نۆۋەتلىك پارلامېنت ۋەكىلىدىن 168ئى بار ئىكەن. شۇ كۈنى ۋىيېتنامنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق پارلامېنت ۋەكىللىرى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 63 ئۆلكە، شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلدى. سايلام نەتىجىسى ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى 20 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر