باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلدى

2016.05.23 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-ماي خەلقئارا جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىق كۈنى، ئېلىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈم ئېكولوگيە قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتىسى بولغان جىلىن ئۆلكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوۋلاشنى چەكلەش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋە دەريا كۆللەرنى بىر تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق قۇللىنىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداش جەھەتتە مول ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى، دۆلىتىمىز ئىچىدە تاغ يولۋىسى، ئاق تۇرنا دېگەندەكلەر دائىم كۆرىلىدىغان بولدى.

  جىلىن ئۆلكىلىك ئۆرمانچىلىق نازارىتى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يۇ چاڭچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شەرقى شىمال يولۋىسى دۆلەتلىك باغچىسى قۇرۇش شەرقى شىمال يولۋىسىنىڭ ئېلىمىزدە بىخەتەر مۇقىم كۆپيىشى، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى قوغداش، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شەرقى شىمال يولۋىسى دۆلەتلىك باغچىسىنىڭ دائىرىسى جىلىن، خېيلوڭجياڭغا كېڭەيگەن، جىلىن ئاساس قىلىنىدۇ.

  نازارەت قىلىپ ئۆلچەشتىن ئايان بولىشىچە، ياۋايى شەرقى شىمال يولۋىسى، ياۋايى شەرقى شىمال يىلپىزى 1998-يىلىدىكى 4 ۋە ئالتىدىن ئۆتكەن يىلى 27 ۋە 42دىن كۆپرەككە كۆپەيگەن.

  ياۋايى شەرقى شىمال يولۋىسى ۋە يىلپىزىنى قوغداشتا مۇھىم ئىلگىرلەش بولغاندىن باشقا جىلىن ئۆلكىسىدە يەنە چاڭبەي قارغىيى، زەرناپ دەرىخى، ياۋايى تاغ ئادەمگىياھى قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرمۇ خېلى كۆپەيگەن، چىپار بۇغا، تايغان بۇغا قاتارلىق يوقىلىش گىرداپىغا بېرىپ قالغان تۈرلۈك ھايۋانلارمۇ خېلى كۆپەيگەن.

  نۆۋەتتە جىلىن ئۆلكىسى شەرقى قىسىم ئورمانلىق ئېكولوگيە سىستېمىسى، غەربى قىسىم يايلىقى، نەم يەر ئېكولوگيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوڭخۇاجياڭ دەرياسى ئېقىنىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تىزلىتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چاڭبەيشەن تېغىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چاڭبەيشەن ئورمانلىق ئېكولوگيە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغدىماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر