باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2016.05.20 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 19-ماي تەيۋەن رايونىنىڭ رەھبەرلىكىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشتىن قەتئىينەزەر، رۇسىيەنىڭ مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، بىرلا جۇڭگونى ئېتىراپ قىلىدۇ، دېدى.

  رۇسىيە-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنى شۇكۈنى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر سوچىدا ئۆتكۈزۈلدى. زاخاروۋا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئېيتتى.

  زاخاروۋا رۇسىيە تەيۋەن رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى، تەيۋەن رايونى رەھبىرىنىڭ «مەنسەپكە ئولتۇرۇش» مۇراسىمىنىڭ 20-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، مەنسەپكە كىمنىڭ ئولتۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، رۇسىيەنىڭ مەيدانى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، بىرلا جۇڭگونى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر