خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ماي، تاماشىبىنلار پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «قەمەر›› ناملىق ئاي شارى ماشىنىسىنىڭ مودىلىنى كۆرمەكتە. شۇ كۈنى 19-نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكا كەسىپلەر يەرمەنكىسى (پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسى) بېيجىڭدا باشلاندى، «قەمەر›› ناملىق ئاي شارى ماشىنىسى، سۇ ئەجدىھاسى ناملىق ئادەملىك چۆكمە قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ھەم سۈنئىي ئىقتىدار، «ئېنتىرنېت پىلۇس» قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇرغۇن يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەشپىياتلار يەرمەنكىدە نامايان بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى