باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسىدىن سەككىز يىلدىن بۇيان 251 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ يۆتكەپ چىقىم قىلىندى

ئېكولوگىيەنى قوغدىغان جايلار زىيان تارتمايدۇ ھەم نەپكە ئېرىشەلەيدۇ (سىياسەت يەشمىسى)

2016.05.19 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان « ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلىمى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى چۈشەندۈردى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە تۆلەم مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنىڭ ئورمان، يايلاق، سۇلۇق يەر، سۇ ئېقىمى قاتارلىق ساھەلەر ۋە نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىدا باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمى ئاساسەن شەكىللىنىپ، 2008-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان سەككىز يىلدا، مەركەز مالىيەسى مالىيىدىن جەمئىي 251 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىم قىلىندى.

  مەركەز بۇ خىل تىك لىنىيەلىك ئېكولوگىيە قوغداش تۆلىمىنى چىقىم قىلغاندىن باشقا، «پىكىر» دە يەنە توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نەپكە ئېرىشكەن رايونلار بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغدىغان، ۋادىنىڭ تۆۋەن ۋە يۇقىرى ئېقىمىدىكى رايونلارنى مەبلەغ تۆلىمى، نىشانلىق ھەمكارلىشىش، كەسىپ ئالماشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، سانائەت رايونىنى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، توغرا لىنىيەلىك تۆلەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. ‏

  «ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلىمى بېرىش سۇبيېكتلىرى نەپكە ئېرىشكۈچىلەر، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش تۆلىمى سۇبيېكتلىرى زىيان يەتكۈزگۈچىلەر‏». تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئېكولوگىينى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىش تۆلىمىدە، تۆلەم مەجبۇرىيىتى بارلار زىيانغا ئۇچۇرىغان ئېكولوگىيلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىرىغا تۆلەم تۆلەش يولغا قويۇلىدۇ. ئېكولوگىيە قوغداش تولۇقلىمىسىدا ئادەتتە مالىيەدىن يۆتكەپ تۆلەش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى ياكى بازار سودىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر قوللىنىلىپ، نەپكە ئېرىشكۈچىلەر ھەق تۆلەيدۇ، قوغدىغۇچىلار مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشىدۇ، يەنى كىم نەپپكە ئېرىشسە شۇ تۆلەم تۆلەيدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «كىم نەپكە ئېرىشسە شۇ تۆلەم تۆلەش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئېكلوگىيەنى قوغدىغۇچىلار بىلەن نەپكە ئېرىشكۈچىلەر ئوتتۇرسىدىكى ياخشى ھەمتۈرتكىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش. «پىكىر» دە، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ئېكولوگىيەنى قوغدىغۇچىلار ۋە نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھوقوقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئىلمىي بېكىتىش كېرەكلىكى، ئېكلوگىينى قوغداش تۆلىمى ئۆلچىمى سىستېمىسى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەپكە ئېرىشكۈچىلەر ھەق تۆلەش، قوغدىغۇچىلار مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشىشتەك ھەرىكەت مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلىمىنى ئاساسلىقى ئېكولوگىيدىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەر ۋە نەپكە ئېرىشكۈچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆلەيدۇ. ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلىمى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۆلەم مەجبۇرىيىتى ھەقىقىي ئىجىرا قىلىنىپ، تۆلەم پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈنۈمى بىلەن مەبلەغ تەقسىملەشنى بىرلەشتۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر