خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىللىق «19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ تارماق مەيدانى قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۈنى قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەيدانىدا 10 مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇر مەشرەپ ئۇسسۇلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ خاتىرە كۈن تەبرىكلەندى.
سۈرەتتە: 10 مىڭ كىشىلىك مەشرەپ ئۇسسۇلىدىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى