- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىرانسىيە زوڭتوڭى ھوللاند: مىسىر ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى، دېدى
2016.05.20 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە زوڭتوڭى ھوللاند 19-ماي، شۇ كۈنى يوقاپ كەتكەن مىسىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى، دېدى.
ھوللاند تېلېۋىزىيە سۆزىدە، مىسىر ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى پاچاقلىنىپ كەتتى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن، ھەرقانداق ئېھتىماللىقنى يوققا چىقىرالمايمىز، فىرانسىيە دېڭىز-ھاۋا قۇتقۇزۇشىغا قاتنىشىدۇ، دېدى.
يەنە باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى گرېتسىيەنىڭ كارپاسوس ئارىلى ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر