باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىدىن ئۈچ تېرلىيون يۈەن تارقىتىدۇ

2016.05.23 13:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى سىستېمىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى قالدۇقىدىن ئىككى تېرلىيون يۈەن كۆپەيتىپ، بېرىدىغان قەرز پۇلنى ئۈچ تېرلىيون يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قەرز بېرىلىدىغان ساھەلەر ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە تەخمىنەن 350 مىليارد يۈەن، يورۇقلۇق ۋولت، ساياھەت قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەردە نامراتلارنى يۆلەشكە تەخمىنەن 360 مىليارد يۈەن، ئېكىلوگىيە، مائارىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى يۆلەشكە تەخمىنەن 280 مىليارد يۈەن، ئاشلىق، پاختا، ياغ كەسىپلىرىگە تەخمىنەن بىر تېرلىيون يۈەن، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىدە نامراتلارنى يۆلەشكە تەخمىنەن بىر تېرلىيون 100 مىليارد يۈەن قەرز پۇل تارقىتىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر