باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى يىللىق سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى ئېلان قىلدى

2016.05.19 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەدە يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 18-ماي ئۆتكۈزۈلدى. ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەنگلىيەنىڭ كەلگۈسى بىر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت، مائارىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەردە يولغا قويۇلىدىغان سىياسىي ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى ئىلزابىت ئىككىنچى بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى شاھزادە فىلىب ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە پارلامېنتنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە سۆز قىلدى. ئىلزابىت شۇ كۈنى ئېلان قىلغان قانۇن ئىشلىرى تۈرلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تور مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈش، تۈرمە ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ ئادىللىقىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر