باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئىككى كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2016.05.20 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ماي، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئىككى كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

  قېزىلما بايلىق ئىدارىسى 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ تۆت رەھبىرى كادىرى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىدارە تۈر قۇرۇلۇشى ھۆددىگىرىنىڭ زىياپىتىنى قوبۇل قىلغانلىق مەسىلىسى.

  گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق ئىدارىسى 2-چوڭ ئەترىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاۋ جياياڭ ۋە مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاڭ چۈنجياڭ، باش ئىنژېنېر فېڭ چاڭروڭ، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شې يۈجۈن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىككى قېتىم ئىدارە تۈر قۇرۇلۇشى ھۆددىگىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەت قاتارلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق ئىدارىسى پارتكومى بۇ تۆت كىشىگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشنى، جاۋ جياياڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى، فېڭ چاڭروڭ بىلەن شې يۈجۈننىڭ ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىققا ئۆستۈرۈلۈش ئوبيېكتى قىلىنىش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سابىق پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شېن جيەنشىننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى

  شېن جيەنشىننىڭ ئىدارىدىكى خىزمەتداشلىرىنى يېتەكلەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش، تەتقىقات، تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسىگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ساياھەت قىلغان ھۆكۈمەت پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر