خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ماي بىيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5 يېرىمدا، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسىدە ئېغىر قۇم - بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، كۆك ئاسماننى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە قويۇق چاڭ - توزان قاپلاپ، قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى. شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلغان بولۇپ، كۆرۈنۈش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان يېزا - بازاردا 50 مېتىرغىمۇ يەتمىدى، قىسمەن جايلاردا بەش - ئالتە بال شەرق شامىلى چىقتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى