خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «19 - ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى - قەشقەر سىزنى قارشى ئالىدۇ» پائالىيىتى قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا، ھەيۋەتلىك 10 مىڭ كىشىلىك مەشرەپ ئۇسسۇلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئۇسسۇلچىلار ئەتلەس كىيىملىرىنى كىيىپ ئۇسۇلغا چۈشكەندە، پۈتكۈل مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەگىشىپ پائالىيەتنى قىززىتىۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر قەدىمىي شەھەر شەرقىي دەرۋازىسىدا ئۆزگىچە شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، دارۋازلىق، توي مەشرىپى، دوپپا سېرىكى، بىزەك ئاپتوموبىلى ۋە يىپەك يولى كارۋان سەيلىسى قاتارلىق قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئالاھىدە مىللىي ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەت ئويۇنى ئورۇندىلىپ، ساياھەتچىلەر بەس - بەستە كېلىپ كۆردى.
ئىگىلىنىشىچە، «19-ماي» ساياھەت پائالىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى شۇ كۈنى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بارلىق ساياھەتچىلەر ھەقسىز ئويۇن - تاماشا قىلسا بولىدىكەن؛ ئىپارخان قەدىمىي باغچىسى، بەن چاۋ خاتىرە باغچىسى، قۇتادغۇبىلىگ باغچىسى قاتارلىق شەھەرنىڭ ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا بولىدىكەن؛ قەشقەر شەھىرىدىكى نۇرغۇن ساياھەت مېھمانسارىيى بىرلىكتە باھادا 80 پېرسەنت ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان؛ قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرقايسى ساياھەت ئورۇنلىرى « خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت ھەممىدىن ئەلا » ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى