باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى يېڭى رەئىس نامزاتى كۆرسەتتى

2016.05.20 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنقەرە خەۋىرى: 19-ماي، تۈركىيەنىڭ ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھازىرقى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئېلدىرىمنى بۇ پارتىيەنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە كۆرسەتتى، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. 22-ماي، ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئالاھىدە يىغىن ئاچىدۇ، شۇ چاغدا بۇ نامزات رەسمىي تەستىقلىنىدۇ.

  ھازىر 60 ياشقا كىرگەن ئېلدىرىمنى سىرتتىكىلەر تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى، دەپ قارايدۇ، ئۇ 2002-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە تۈركىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2015-يىلى يەنە بىر قېتىم مۇشۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. تەھىلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەردوغان تۈركىيەنى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېلدىرىم تېخىمۇ ماسلىشىدۇ. 5-ئاينىڭ باشلىرىدا، داۋۇتئوغلۇ ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئېلدىرىم ھازىر زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان ۋاقىت كەلدى، دەپ بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر