باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە 500 دىن ئارتۇق ئاممىباب ئايرودروم قۇرۇلىدۇ

2016.05.20 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن «ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيلىدۇ) نى تارقىتىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە 500 دىن ئارتۇق ئاممىباب ئايرودروم قۇرۇلۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە ئاممىباب ئايرودروم بولۇش ياكى ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە مۇلازىمىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان ترانسىپورت ئايرودرومى قۇرۇش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار، ئاساسلىق ئورمانچىلىق رايونلىرى، ٪50 تىن ئارتۇق 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى قاپلايدۇ. «پىكىر» دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىنى كېڭەيتىپ، ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ماتورلۇق تېز ئۇچۇشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى گاۋ يۈەنياڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە ئاڭلىماققا پۇقرالارغا ناھايىتى يىراقتەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى يېقىن. پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئەسلىھەلىرى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ساياھەتچىلىك تۈرىدىكى ئۇچۇش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەممىسى ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە دائىرىسىگە كىرىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى ئاممىباب ئايرودروم 300 دىن ئېشىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى 1874 كە يەتكەن. 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاممىباب ئايرودرومى 19 مىڭ 990 غا، ئاممىباب ئايروپىلان 224 مىڭغا يەتكەن.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جۇ كېچىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپى ۋەزىيىتى ئاجىز، بىراق ئىستىقبالى پارلاق. بۇ قېتىم تۆۋەن ھاۋا بوشۇلۇقىدا ئايروپىلاننى باشقۇرۇشتىن ھاسىل قىلىنغان بۆسۈش ئارقىلىق، ئېلىمىز بازارلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور كۆلەمدە قېزىلىپ، ھاۋادىكى ساياھەت، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر