باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىمىزگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

2016.05.19 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 18-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، رۇسىيە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بىلەن رۇسىيەدىكى بىر يۈرۈش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىدە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. پۇتىن شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇچىدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىدىكى پاي ئۈلۈشى جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ھىندىستاندىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. رۇسىيە: جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشى بىر تۈرلۈك مۇھىم، پايدىلىق بولغان تەشەببۇس دەپ قارايدۇ ھەمدە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا تېگىشلىك ئورۇننى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر