- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەخسۇس تەكشۈرىلىدۇ
2016.05.23 13:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى يېقىندا «خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى»نى رەسمىي تارقىتىپ، مەملىكەت مىقياسىدا مۇددىتى يېرىم يىللىق خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ساقلاش ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشنى قارار قىلدى.
زور خەۋپ پەيدا قىلىدىغان ھەمدە ئاممونىي نېترات قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرى، زەھەرلىك، زىيانلىق گازلارنى ساقلايدىغان ئورۇنلار، ئا، ب تۈردىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان سويۇقلۇق ۋە سويۇقلاندۇرۇلغان گازلارنى ساقلايدىغان ئورۇنلار، بولۇپمۇ نېفىت ۋە خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىم ساقلاپ تېجارەت قىلىدىغان رايونلار بۇ قېتىمقى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئاساسلىق دائىرىسى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر