باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ نۇر كابېللىق كەڭ بەلباغ ئابونېتلىرى بۇ يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار

2016.05.23 13:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە «كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىرغىچە مۇقىم كەڭ بەلباغ ئابۇنتلىرىنىڭ نۇر كابېلنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش نىسبىتى %60تىن ئاشقان. مۆلچەرلىنىشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ نىسبەتنىڭ %80كە يېتىپ، ياپونىيە، كورېيەنىڭ نۇر كابېل ئابۇنتلىرى نىسبىتىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئالاقىچىلىك تەرەققىياتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋېن كۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مەملىكەت مىقياسىدا «نۇر كابېلنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى ھەم كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە چاتما تور ئوپتىك كابېلىدىن يېڭى ياتقۇزۇلغىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مىليون 760 مىڭ كىلومېتىرغا يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.9 ئاشتى؛ كەڭ بەلباغ ئابۇنتلىرى ئىشلىتىۋاتقان نۇر كابېل بىلەن مىس سىمنىڭ نىسبىتى %60كە يەتتى، يەنى كەڭ بەلباغ ئابۇنتلىرى ئىچىدىكى %60 ئابۇنت بەلبېغى ناھايىتى كەڭ، تەننەرخى ناھايىتى تۆۋەن نۇر كابېلنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ نىسبەت دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى.

  ۋېن كۇ يەنە مۇنداق دېدى: ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ نۇر كابېل ئابۇنتلىرى نىسبىتى %70 ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىرقى نۇر كابېلنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىل 2017-يىللىق نىشاننى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، نۇر كابېل ئابۇنتلىرى نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزۈپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار. 2015-يىلى ئېلىمىزدە 190 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنى نۇر كابېل قاپلىغان بولۇپ، سوممىسى جەمئىي 450 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ مەملىكەت بويىچە ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈلگەن نۇر كابېل چاتما ئېغىزى ياراتقان سومما 270 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014- يىلىدىكىدىن 106 مىليون يۈەن ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر