باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىزىغا ئالاقىدار ئۈزۈلۈپ قالغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقىغا سەل قاراشقا ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ

2016.05.23 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممسى. نەنخەي كېسىم دېلوسىدا، فىلىپپىننىڭ شىكايەتنامىسىدە 10 نەچچە تۈرلۈك كېسىم تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تەلىپىنىڭ مەقسىتى: جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىغا ئالاقىدار ئۈزۈلۈپ قالغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقى توغرىسىدا كېسىم سوتىنىڭ ھۆكۈم قىلشىغا يوللاش 1982-يىلىدىكى «ب د ت نىڭ دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەھدىنامە» دېيىلىدۇ) گە خىلاپ بولۇپ، جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىغا ئالاقىدار ھوقۇقىنىڭ قانۇنىيلىقى ئىنكار قىلىنغان. پۈتكۈل كېسىم تەرتىپىدە، فىلىپپىن پاكىتنى بۇرمىلاپ، جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىغا ئالاقىدار ھوقۇقى توغرىسىدا قارىسىغا ھۆكۈم چىقاردى ھەم «ئەھدىنامىنى» خاتا چۈشەندۈردى.

  فىلىپپىن ئاساسىي تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلاپ، تارىختا جۇڭگو خەلقى نەنخەيدە ھەرىكەت قىلمىغان، نەنخەي بىلەن تارىخىي ئالاقىسى يوق، دەپ جۆيلىدى. ھالبۇكى، تارىخ بۇنى ئىنكار قىلىشقا يول قويمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىزىدىكى ھەرىكىتى 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. ئېلىمىز نەنخەي ئارىلىنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان، نام بەرگەن ۋە ئېچىپ تىجارەت قىلغان. ئېلىمىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھۆكۈمىتى مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىش، ھەربىي ئىشلار بويىچە چارلاش، دېڭىزدا ھادىسىگە يولۇققانلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نەنخەي ئارىلى ۋە شۇ ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى باشقۇرغان. ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئېلىمىزنىڭ شىشا ۋە نەنشا ئاراللىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «قاھىرە خىتابنامىسى» ۋە «بوتسىدام ئاخباراتى» دا، ياپونىيەنىڭ ئىگىلىۋالغان جۇڭگو زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ئېنىق تەلەپ قىلىنغان. ئېلىمىز شۇنىڭغا ئاساسەن شىشا ۋە نەنشا ئاراللىرىنى قايتۇرىۋېلىشقا ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەم مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئەۋەتىپ، نەنخەي ئاراللىرى ۋە شۇ ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن.

  فىلىپپىننىڭ ئېلىمىزنىڭ نەنخەي ئارىلى ۋە نەنخەي دېڭىز لىنىيەسى تەۋەلىكىگە ئالاقىدار ئۈزۈلۈپ قالغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقىنى پارچىلاپ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز تەەۋلىكىگە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقىنى ئۈزۈشى «ئەھدىنامە» شەكىللىنىپ 27 يىلدىن كېيىنكى 2009-يىلى يېڭى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇسى . بۇ، ئېلىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىزىغا ئالاقىدار تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقىنىڭ يامان غەرەزلىك چۈشەندۈرىلىشى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شۇنى قايتا-قايتا تەكىتلىدىكى، جۇڭگونىڭ نەنخەي ئارىلى ۋە شۇ ئەتراپتىكى دېڭىز تەەۋلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئالاقىدار ھوقۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شەكىللەنگەن بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. 1947-يىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇغراپىيەلىك ئۆلچەش ئارقىلىق نەنخەي ئارىلىغا قايتىدىن نام بەردى. 1948-يىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاشكارا ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت خەرىتىسىگە بەلگە قويۇپ نەنخەي دېڭىزىغا ئالاقىدار ھوقۇقنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، نەنخەيدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئالاقىدار ھوقۇقنى قايتا تەكىتلەش ۋە بېكتىىش توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن. 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى نەنخەيگە ئالاقىدار تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقىنى پائال قوغداشتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللاندى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇردى.

  ئېلىمىزنىڭ نەنخەيدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقى فىپلىپپىننىڭ پاكىتنى بۇرمىلىشى بىلەن ئىنكار قىلىنمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ نەخەيدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقى فىلىپپىننىڭ «ئەھدىنامە» بەلگىلىمىسىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ بەلگىلىگەن كېسىم تەرتىپى سەۋەبلىك چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ نەنخەيدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇقى يەنىلا خەلقئارا قانۇننىڭ تەڭشىشىنى ئىزچىل قوبۇل قىلىپ، باشتىن-ئاخىر «ئەھدىنامە» نىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر