باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەدىكى گۇمپىچى ساقچى تەقدىرلەندى

2016.05.23 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كازناف 21-ماي پارىژدىكى ساقچى ماشىنىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ساقچى ياردەمچىسى كېۋىن فىلىپ ۋە يەنە بىر ئايال ساقچىغا ئىچكى ئىشلار ئالتۇن مۇكاپاتىنى بەردى ھەم فىلىپنى رەسمىي ساقچى قوشۇنىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  پارىژدا 18-مايدىكى نامايىشتا، 29 ياشلىق فىلىپ ئەتراپنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ، زوراۋانلار فىلىپنىڭ ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىۋېتىپ، كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكىنى ماشىنا ئىچىگە ئاتماقچى بولىدۇ. فىلىپ ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن زوراۋانلار قامچا بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسى ۋە بېشىغا ئۇرىدۇ. بويى ئېگىز فىلىپ ئىككى بىلىكى بىلەن قامچىنىڭ زەربىسىنى توسۇۋالىدۇ، تورداشلار بۇنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى سىنغا ئېلىپ تورغا چىقىرىدۇ. تورداشلار ئۇنى تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇردى، ھەرىكىتى مەردانە بولدى، ئۇنى ھەقىقەتەن گۇمپىچى ساقچى دېيىشكە بولىدۇ دەپ ماختاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر