باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئارمىيەسى ھەربىي مانېۋىردا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەردى

2016.05.23 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران تاسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئارمىيەسى شۇ كۈنى ھەربىي مانېۋىردا قويۇپ بېرىش مۇساپىسى 140 كىلومېتىرلىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئىككىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئىران ئارمىيەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن جاي پايتەخت تېھراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەخمىنەن 250 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كاشاڭ قۇملۇق رايونىغا جايلاشقانكەن. سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىران ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد «بويسۇندۇرغۇچى 10» تىپلىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مۇساپىسى، توغرىلىق دەرىجىسى ۋە بۇزۇش دەرىجىسى جەھەتتە بىر قەدەر ئىلغار. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، ئىران بىر قانچە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى، غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر