باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ

2016.05.24 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 23-ماي ئۇچۇر بېرىپ، ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ مەلۇم قىلىشى بىلەن، تيەنجىن قاتارلىق 27 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش پىلانى بويىچە كېڭەيتىپ نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان جاي قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

  ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش پىلانى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تېزىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپىكەن. «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ <ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش پىلانى>نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر نۇقتىدا سىناق قىلىۋاتقان 50 جاي ئاساسىدا، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ٪50تىن ئارتۇق جايلىرىغىچە كېڭەيتىلىدىكەن.

  نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان بارلىق جايلار 2016-يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرۇش ۋە رەتلەش خىزمىتىنى تاماملىشى؛ ئۆيگە بېرىپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك نۇقتىلىق كىشىلەرنى بېكىتىپ، ئۆيگە بېرىپ تەكشۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، تىرىشىپ قاراشلىق رايوندىكى بارلىق نىشانلىق كىشىلەرنى تىزىملاش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىشى كېرەك.

  ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ۋە تۈرلۈك جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى نۇقتىلىق خىزمەت ئوبيېكتى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا يېقىندىن تايىنىپ ئۆيگە بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شارائىتى بار جايلار سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنى تىزىملاش خىزمىتىنى ئۆز رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسلارنى تىزىملاشقىچە كېڭەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنى تىزىملاشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر