باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسىدە 800 ئائىلىلىك دېھقان يېڭىدىن سېلىنغان خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى

2016.05.24 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئامانگۈل گايىت، شىرئەلى ھوشۇر خەۋىرى) بۇ يىل توقسۇ ناھىيەسىنىڭ خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قورۇلۇشى ۋەزىپىسى 3200 ئائىلىلىك بولۇپ، ھازىرغىچە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىپ، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى % 100 كە يېتىپ، 800 ئائىلىلىك دېھقان خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى.

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسى توغراقۇم كەنتىدىكى روزى غوپۇر ئىلگىرى بالىلىرى، كېلىنى قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى كىچىك كېسەك ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا قولايسىزلىقلار كۆپ ئىدى. بۈگۈنكى ئىللىق، پاكىز، سەرەمجانلىق، دەۋرگە ماسلاشقان مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ ئۆي روزى غوپۇر قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.

  توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق يېزىسى توغراقۇم كەنتىدىن دېھقان روزى غوپۇر مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بەش-ئالتە ئادەم ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ئۆيمۇ ناھايىتى قاراڭغۇ، كىچىك، ئۆي سەرەمجانلىرىمۇ تولۇق ئەمەس ئىدى. ھازىر 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىمىز بار بولدى، ئۆيىمىزنىڭ سەرەمجانلىرىمۇ تولۇق، مۇنچا، تازىلىق، ئۆيى، ئاشخانا قاتارلىقلارمۇ بار. بىز پارتىيە، ھۆكۈمەتتىن ناھايىتى رازى.»

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى «بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كېيىن قالماسلىق» يەنى ئۆي كۆلىمى، نوپۇس تىپى، ئىقتىدار، سۈپەت، كەسىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كېيىن قالماسلىق بىلەن «يەتتىنى سەپلەش» تەلىپى يەنى سۇ، توك، گاز، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، مۇنچا، يول، كۆكەرتىش رايونى قاتارلىق تەلەپلەر بۇيىچە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، دېھقانلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن قىلدى. توقسۇ ناھىيەسى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئاممىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆي كۆلىمى، قۇرۇلمىسىنى بېكىتىشتە مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن زامانىۋى يېڭى تېخنىكا ۋە ماتېرىياللارنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ، سۇ، توك، يول، كۆكەرتىش رايونى، مۇنچا، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، قوتان ۋە ھويلا پارنىكى قاتارلىقلارنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئامما رازى بولغان بەختلىك يېڭىچە يېزا ئاھالىلىرىنى بەرپا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر