- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تالىبان كاتتىبېشى ئۆلۈمىنىڭ ئاففانىستاننىڭ يارىسىنى ساقايتالىشى تەس
2016.05.24 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاففانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 22-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، تالىباننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى مەنسۇر 21-ماي پاكىستان چېگراسى ئىچىدىكى ئاففانىستانغا يېقىن چېگرا رايونىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلدى، دېدى. ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوبامامۇ 23-ماي مەنسۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىراق پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ۋە تالىبان مەنسۇرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېنىق ئېلان قىلمىدى.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەنسۇرنى نۇقتىلىق يوقىتىشى بىر تەرەپتىن تالىبان بىلەن ئاففانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتى نەزەرگە ئېلىنغان. بىراق مەنسۇر ئۆلدىمۇ-يوق، بۇنىڭ بىلەن ئاففانىستان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىشى تەس، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ كېلەچىكىنى مۆلچەرلەشمۇ تەس.
گەرچە مەنسۇرنىڭ نۇقتىلىق يوقىتىلىشى تالىبانغا قارىتا چۆچۈتۈش سېگنالى چىقىرىپ، ئاففانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىباننىڭ كەلگۈسى رەھبىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولسىمۇ، بىراق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تالىباننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈشمۇ بۇ تەسەۋۋۇرغا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن كېيىن تالىبان ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزەمدۇ- يوق، بۇمۇ نامەلۇم. ئەگەر يېڭى رەھبەر ئۇزاققىچە بارلىققا كەلمىسە، تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشمۇ تەسكە چۈشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر