- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭ يەنتوڭ دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى
2016.05.24 15:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە گوۋۇيۈەننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى. جاڭ يەنتوڭ دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.
جاڭ يەنتوڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:
جاڭ يەنتوڭ، ئەر، خەنزۇ، 1963-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى جىنجوڭدىن، «مائارىپ ئىقتىسادى ۋە باشقۇرۇش» پەنلىرى پىروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى، مانچىستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق دوكتۇرى. 1985-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986-يىلى 12-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن. ھازىر دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر